باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن ئىجراسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى

2014.11.03 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆنۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بەش ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى شىمالىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو، غەربىي جەنۇب قاتارلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق رايونلار ۋە دېلو كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا بەزى يەرلەردە قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈپ يىيىش قاتارلىق ۋەقەلەر كەينى كەينىدىن يۈز بەرگەن، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يىيىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە ۋاقتىدا زەربە بەردى ۋە توسىدى.

  ئالاقىدار ئۆلكىلەر ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى دالىلاردىكى ھايۋاناتلار دەم ئالىدىغان جايلارنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، رايون ئىچىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار ياكى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان سورۇنلارنى رەتكە سېلىش،ئاممىۋى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى ھەمدە قانۇنسىز توشۇش دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان يول لىنىيەلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈش ئەھۋالى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن ئىجراسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئەھۋالى؛ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قوغداش تەشۋىقات تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر