باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ، دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى

2014.11.03 11:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى: مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 28-، 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئونسۇ ناھيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر يېزا-بازار ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ، دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى.

  مۇختەر ئىبراھىم بوزدۆڭدىكى مەلۇم كۆمۈر كاننىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بولۇپ، ھەر كۈنى نەچچە يۈز توننا كۆمۈرنى تاغدىن توشۇيدۇ. 10 نەچچە يىل ئىلگىرى بوزدۆڭگە يېڭى كەلگەندە ئۇنىڭ بۇ يەردە ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى يوق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇش قامدايتتى. بىرقانچە يىل ئىلگىرى كەنتتىكىلەر ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر كۆمۈر كاندا ئىشلەشكە تونۇشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىپ، ھازىر بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى.

  بوزدۆڭ يېزا ئاھالىسى مۇختەر ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. ئىلگىرى كۆپچىلىك ماڭا ياردەم بەرگەن ئىدى، ھازىر مېنىڭ شارائىتىم ياخشىلانغاندىن كېيىن كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن قىش كۈنلىرى كۆمۈر توشۇپ بېرىشتەك كىچىك ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. ياخشى كۈنگە ئېرىشكەن مۇختەر ئىبراھىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزىگە ياردەم بەرگەن ئاممىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. ھازىر ئۇ ھەر يىلى قىشتا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆمۈر سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقسىز ئاپىرىپ بېرىپ، قىشىنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بوزدۆڭ يېزىسىدىن چارۋىچى پاتەم جۈمە مۇنداق دېدى: قىشلىق كۆمۈرنى ئۇ ھەقسىز ئەكېلىپ بەردى، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.ئۇزۇندىن بۇيان بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتتى،”ئىككى ئورتاق“نى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى قىلىپ،”ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسى“نى پۇختا تۇرغۇزدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەملىشىپ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش، قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر