باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>پائالىيەتلەر

گۇتيەن يىغىنىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى

ـــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتنىشىش خاتىرىسى:

2014.11.03 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-ئۆكتەبىر، شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن چۈشتە بىرگە غىزالىنىپ، «قىزىل ئارمىيە تامىقى» يېدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  31-ئۆكتەبىر، شى جىنپىڭ پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە، ئىنقىلابىي قۇربانلار تاۋابىئاتلىرى ۋە «بەش پېشقەدەم» يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  2014-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭخاڭ ناھىيەسى گۇتيەن بازىرىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئېچىلىۋاتقان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  تارىخ ئۇنتۇلمايدۇ، 85 يىل بۇرۇن، گۇتيەننىڭ بۇ قىزىل تۇپرىقىدا يولداش ماۋ زېدۇڭ داڭلىق گۇتيەن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئىدىيەگە، ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان پارلاق يولنى تېپىپ چىققان، يېڭى تىپتىكى خەلق قوشۇنى مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ تارىخىي سەپەرگە يول ئالغان.

  يولدان شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە يىغىن ۋەكىللىرىنى پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئىدىيەۋى ئىلھام ۋە روھىي چېنىقىشنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمىتىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىدى.

  شى جىنپىڭ ئۆزى گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىش تەكلىپىنى بېرىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى پارتىيەنىڭ ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە قوشۇن قۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى. 31-چېسلا چۈشتىن كېيىن، پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ گۇتىيەن سەپىرىدە قوشۇن سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋرىي ئورنى، پۈتۈن ئارمىيەدە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى چوقۇم كۆپەيتىش ۋە سىياسىي خىزمەت ئىشەنچى ۋە كۈچىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش كېرەكلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

  گۇتيەن يىغىنى مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ. ئارمىيەنى كۈچەيتىش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ سەپىرىدە خەلق ئارمىيەسى گۇتيەن يىغىنىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر