باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى بىر سوم پىلانىدىكىلەر شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار 4500 بالىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى(1)

2014.11.06 15:09   مەنبە: خەلق تورى

2014-يىلى بىر سوم پىلانىدىكىلەر شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار 4500 بالىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىللىق بىر سوم پىلانىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى شىنجاڭ تۈرىدىكى پىدائىيلار قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا يېڭى كىيىم تارقىتىپ بەردى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پىدائىيلىرى ئاممىۋى ياردەم بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى شىنجاڭدىكى يېتىم، مېيىپ بالىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا تەييارلىغان 4500 دانە بىر سوم پىلانى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى 1-نويابىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. شىنجاڭدىكى تارقىتىش پائالىيىتى مۇراسىمى شۇنداقلا بۆلۈپ قاچىلاش خىزمىتى 8-نويابىر ئۈرۈمچى قىبلەتاغ ۋەنكى لەنجياۋ شېڭفېي رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھەر قايسى جامائەت پاراۋنلىقى تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتتىكى مېھرىبان زاتلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھە مىللەتتىن بولغان پىدائىيلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم 1500ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسىنى تەييارلاشقا قاتنىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىللىق بىر سوم پىلانى «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى»نىڭ شىنجاڭدىكى تۈرىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى باش بولغان بولۇپ، شىنجاڭ پىدائىيلىرى پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش بىرلەشمىسى، شىنجاڭ تاغلىق دوست ياردەم بېرىش ئەترىتى، شىنجاڭ يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدىكى پىدائىيلاردىن ئىبارەت بىر قانچە پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار بىرلىكتە قاتناشقان ۋە تارقاتقان.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز