باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا: ئېبولا يۇقۇمى غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى مەغلۇب قىلدى

2014.11.06 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇمى گىۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سېررالىئوننىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ياردەمگە تايىنىش ۋە قەرز ئېلىشتىن ئەمدىلا قۇتۇلغان بۇ دۆلەتلەرنى قايتىدىن خېيىم خەتەرگە دۇچار قىلدى.

  تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇقۇم پارتلاشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن 328 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېرەككەن، بۇ يوچۇق ئاساسلىقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش چىقىمىنى كۆپەيتىش ھەمدە ساياھەت، كانچىلىق ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى ئازايتىشتىن پەيدا بولغان ئىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى چىقىمنى 30 پىرسەنت كۆپەيتتى، مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئاشۇردى. ئۇندىن باشقا لىبېرىيە بىلەن سېررالىئون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتلەردىمۇ ئايرىم-ئايرىم 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 16 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتتى. بۇ ئۈچ دۆلەت شۇنىڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەردىن قەرز ئېلىشقا باشلىدى.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ تارمىقى بولغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گىۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سېررالىئوننى بىر تۈرلۈك سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىدىكى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر