باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

APEC رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى

2014.11.07 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىق مېخانىزمى بولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىزگە يىراق ئەمەس، كەلگۈسىدە يەنە بىزگە تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بۇ ئىككى كۈندە فىلىپپىندىن كەلگەن بانانلار تيەنجىن پورتىغا يېتىپ كەلدى، توپ يېشىكلەرگە رەسمىيەت بېجىرىشكە ئىلگىرى بەش كۈن ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر بىر كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى تاموژنىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە نۆل تاموژنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن چەتئەللەرنىڭ مېۋىلىرى، كۆكتاتلىرى ناھايىتى تېزلا مال جاھازىلىرىمىزغا چىقىدىغان بولدى.

  بۈگۈنكى كۈندە قايسى بىر سودا سارىيىغا كىرسىڭىز كورىيە، ياپونىيەنىڭ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ سۈت پاراشوكلىرى، چىلىنىڭ ئۈزۈم ھارىقىنى سىتىۋالالايسىز. بىزنىڭ كىيىم كېچەكلىرىمىز، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىمىز، ئويۇنچۇقلىرىمىزمۇ بۇرۇنلا چەتئەل بازارلىرىغا كىردى، بۇ تاۋارلارنىڭ كەينىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈرتكىلىك رولى بار.

  ئىقتىساد سودا ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملار ئالاقىسى كۆپەيدى، بۇ تېخىمۇ قولاي بولغان ۋىزا ۋە تاموژنا تەدبىرىگە مۇھتاج. 1996-يىلىدىن باشلاپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد گەۋدىسىدىكى سودا ئەربابلىرى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا ساياھەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولدى. ئۈنۈملۈك مۇددەت بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە، ۋىزا بېجىرىش كەتمەيدۇ، كارتىسى بولغانلار ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدا ئەركىن كېلىپ كېتەلەيدۇ. ھازىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا سودا ساياھەت كارتىسى بارلار 200 مىڭدىن ئاشتى.

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدىكى ساياھەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋىزا بېجىرىش رەسمىيىتى بارغانچە ئاددىيلاشتى. ساياھەت قىلىش ئەمدى ئارزۇ بولمايدىغان بولدى. 2013-يىلى ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئون چوڭ ساياھەت نىشانلىق جايى ئىچىدە، 8ى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر