خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى: گۇما ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئىدارە- ئورۇن، يېزا-بازارلاردىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4– ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن يېزا-بازارلاردا تۈرلۈك شەكىل، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق 4- ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان تونۇشى ئۆستۈرۈلدى.
سۈرەتتە: 4-نويابىر سانجۇ يېزىسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە كادىرلار 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگەنمەكتە.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى