باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.11.07 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تۈزۈمى ئورنىتىش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش تەقسىماتىغا ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى مۇۋاپىق تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كارخانا مەسئۇللىرى ئارىسىدىكى مائاش پەرقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇۋاپىق، تەرتىپىلىك كىرىم تەقسىمات قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رايونلار، تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلىش، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك ئىسلاھات يۆنىلىشى بويىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە دۆلەت مۈلكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى مۇساپىسىغا ماسلىشىپ، مائاشتا شەكىللەنگەن مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائاش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مائاش سەۋىيەسىنىڭ مۇۋاپىق بولىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلىشىشى، نازارەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر