باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نەزەربايىف: مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئەللىرى بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

2014.11.07 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىف 5-نويابىر پايتەخت ئاستانىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ37-قېتىملىق بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى رەھبەرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ھەمكارلىقىنى قانداق كۈچەيتىش، رايون تېررورىزم تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش مۇزاكىرە قىلىندى. نەزەربايىف كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: يېقىندا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ، مەزكۇر رايونغا يېڭىدىن خىرىس پەيدا قىلدى. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپەيدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر