باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب زور ئالقىشقا ئېرىشتى

2014.11.07 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خىزمەتچىلەر «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى نۇسخىلىرىنى تىزماقتا.APEC يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى ئوقۇماقتا.بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدىكى APEC باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكىدە كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولماقتا.

  يىغىن مەركىزىدىكى بەش مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆرگەزمە تەكچىسىگە ھەر خىل تىل يېزىقتىكى كىتابلار قويۇلدى، «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كۆرگەزمە تەكچىسىنى قاتمۇقات ئورىۋېلىپ، كىتابلارنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۆرمەكتە.

  كۆرگەزمە تەكچىسى يېنىدا خىزمەتچىلەرنىڭ كىتابلارنى تولۇقلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چەت ئەللىك دوست مۇنداق دېدى: ئېنگلىزچە نۇسخىسى تۈگەپ كېتىپتۇ.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: قىسقىغىنە ئۈچ كۈن ئىچىدە 2500 دىن ئارتۇق كىتاب تۈگىدى.گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى نەشرىيات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جىخۈي مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت يىغىن مەركىزىگە 3300 پارچە كىتاب تەييارلاپ بەرگەنىدۇق، قارىغاندا يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن بىز ئامال قىلىپ، كىتابنى ئۈزۈپ قويماسلىققا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قامداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر