باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىشنى خالايمىز

2014.11.08 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 6-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە رايون تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىشنى خالايدۇ دېدى.

  2014-يىلى ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىل ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ، ئۇندىن كېيىن ئافغانىستاندا نەچچە مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئافغانىستان ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن قالدۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئافغانىستاننىڭ مەملىكەت ئىچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  بۇندىن ئىلگىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش كاتىپى سىتۇردىنبىرىگ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يەنىلا ئافغانىستاننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر