باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىشتات تەۋەلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئىمزالىدى

2014.11.07 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنى باش ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىدىن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىشتاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بۇ مەھكىمە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا مەسئۇل بولۇش ۋە خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىش، بۇ مەھكىمىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، سىياسىي خىزمىتى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئىمزالىدى. ئازادلىق ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىشتاتىغا رەھبەرلىك قىلىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش يىغىنى 6-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ يىغىندا سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ بۇيرۇقنى ئوقىدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر