باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي قۇتۇپلىشىش ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى(1)

2014.11.07 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 4-نويابىر، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. 5-نويابىر سەھەر رەئىسلىك ئورنى تېخى قارار قىلىنمىغان ئەھۋالدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى يۈز ئورۇننىڭ 52 سىگە ئېرىشتى، بۇ پارتىيەنىڭ غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ 114-نۆۋەتلىك پارلامېنتىغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  شۇ يەر ۋاقتى 4-نويابىر، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. 5-نويابىر سەھەر رەئىسلىك ئورنى تېخى قارار قىلىنمىغان ئەھۋالدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى يۈز ئورۇننىڭ 52 سىگە ئېرىشتى، بۇ پارتىيەنىڭ غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالدى. ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاز دېگەندىمۇ 435 ئورۇننىڭ 241گە ئېرىشىپ، كۆپ ساقلىق پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى. بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى ئاخىرلاشمىغانلىقتىن، ئەڭ ئاخىرقى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى كېچىكىپرەك ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ 114-نۆۋەتلىك پارلامېنتىغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قولىدىن كېڭەش پالاتاسىنى تارتىۋېلىشى ئويلىغىنىمىزدەك بولدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ نەتىجە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىككى قۇتۇبلىشىش ۋەزىيىتىدىكى قاتماللىقنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى.

  ئامېرىكا ئاممىۋى دىنى تەتقىقاتخانىسىنىڭ سايلام مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى روبىرت جونېس مۇنداق دېدى: قانداقلا بولمىسۇن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالدى ھەمدە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قولىدىن ئاچقۇچلۇق يەتتە ئورۇننى قايتۇرۇۋالدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدىمۇ ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىككە ئېرىشتى، بۇ سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆزگىرىش بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ نەتىجە ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە زۇڭتۇڭ ئوبامانى تېخىمۇ كۆپ چەكلەش ھوقۇقى بېرىدۇ.

  ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكا ئاممىسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا ئادەتتە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيتتى، بولۇپمۇ بۇ يىل شۇنداق بولدى. گاللۇپ شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ھەر ئون ئامېرىكىلىق ئىچىدە پەقەت تۆت ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا خېلى ياكى بىر قەدەر كۆپىرەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئۆتكەن ئالتە قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتا ئىكەن. سايلىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سايلام بېلىتىنىڭ ھىچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدىغانلىقى، نۆۋەتتە ۋاشىنگتوننىڭ قاتمال ھالىتىنىڭمۇ ياخشىلانمايدىغانلغى، شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىي مۇساپىسىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر