باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ياپونىيە ھاسىل قىلغان تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇشقا يۈكسەك دىققەت بەردى

2014.11.08 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى تۆنۈگۈن زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياموچى ماساتارو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام مۇقىم جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ ھىسابلىدى.

  ياپونىيە جۇڭگو كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇشتا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك پىرىنسىپ ۋە روھقا ئەمەل قىلىشنى تەكىتلىدى. بۇ ئورۇنلۇق تەلەپ. ياپونىيە جۇڭگو كېڭىشىنىڭ باشلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئورتاق تونۇش نۆۋەتتىكى جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، ئەمما ئاچقۇچ ئابىشىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش قىلماسلىقى، تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپقا سەمىمىي ئەمەل قىلىش قىلماسلىقىغا باغلىق. كورىيە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا تارىخى مالىيە ئۆمىكىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ھاسىل قىلغان تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇشتا ئومۇمىيلىق ئاساس قىلىنغان، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئۇزاق مۈددەتلىك ساغلام مۇقىم جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رولى بار. رۇسىيە پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ھاسىل قىلغان تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، شەرقىي شىمالى ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋەزىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر