باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىلىم مۈلۈك سوت مەھكىمىسى

2014.11.07 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى 6-نويابىر قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى رەسمىي يۈرگۈزدى. بۇ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۇھىم قەدەم بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئەن فېڭدې مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىپ تۇنجى قېتىم قاراپ چىققان دېلونىڭ دائىرىسى پاتېنت، ئۆسۈملۈكلەر يېڭى سورتى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش لايىھىسى، تېخنىكا مەخپىيەتلىكى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىق تېخنىكا تۈرىدىكى ھەق تەلەپ ۋە مەمۇرىي دېلولار؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە چېتىشلىق ئەسەر ھوقۇقى، تاۋار ماركسى ، ناتوغرا رىقابەت قاتارلىق مەمۇرىي قىلمىشلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان مەمۇرىي دېلولار؛داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇش سوتى بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى. ئۇندىن باشقا بۇ سوت مەھكىمىسى يەنە باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىدىغان ھوقۇق بېرىلگەن دېلولار ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىرىنچى سوتقا قاراپ چىقىلغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دېلولىرى ۋە مەمۇرىي ھۆكۈم،كېسىم ئۈستىدە سۇنۇلغان نارازىلىق ئەرز دېلولىرىنى باشقۇرىدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت كوللېگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چۇاڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي، گۇاڭجۇ بىلىم مۈلۈك سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك بولماقتا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ خىزمەتكە كىرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر