لى كېچياڭ جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ چياڭدۇڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما جەنچېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ چياڭدۇڭ زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ «مەسىلىنى گەپ ئەگىتمەي ئېيتىش، تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش» دېگەن سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئەڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغاندا ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان نۇتۇق ئارگىنالىنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويدى.
بۇ لى كېچياڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنى كۆرۈنۈشى. يېڭى ئىقتىساد ۋەكىلى ليۇ چياڭدۇڭ ئەڭ ئاخىرىدا سۆز قىلدى، ئەمما ئۇ ئېلىپ كەلگەن خەيرلىك خەۋەر بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپنى سېلىشتۇرغاندا ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ يېزا بازارلىرىدىكى شىددەتلىك تەرەققىياتى زۇڭلىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
لى كېچياڭ: كارخاناڭلارنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزا-كەنتلەردىكى پايدىسىنىڭ ئېشىشى شەھەرلەردىكىدىن كۆپمۇ؟
لى چياڭدۇڭ: شەھەردىكىدىن 3 ھەسسە كۆپ بولدى. بىز يېزىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پەقەت يېزا-كەنتلەردە يېرىم يىلدىن ئارتۇق توردىن مال سېتىۋالغان 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئائىلە توردا ئىستېمال قىلغان بولۇپ، شەھەرلىكلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.
لى كېچياڭ: تېز يەتكۈزۈش يېزا-كەنتلەردە راۋانمۇ؟
لى چياڭدۇڭ: جىڭدۇڭ مالنى ئۆزى يەتكۈزىدۇ، ئاھالە زىچ رايونلاغا ھەر بىر كەنتكە يەتكۈزىمىز.
لى كېچياڭ: سىز بازارنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپسىز، يېزىلىقلارمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئىستېمال مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. مۇخبىر ياڭ فاڭ
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى