باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداشقا 2 مىليارد يۈەن ئاجراتتى

2014.11.07 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە،يېقىندا مەركەز مالىيىسى ئىش ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسىنى مۇھىم ئاساس قىلىپ،يايلاق كۆلىمى، چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ئۈنۈمىنى باھالاش مۇكاپاتى، يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى تىزلىتىش ۋە دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 2 مىليارد يۈەن مۇكاپات پۇلى ئاجراتقان.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇكاپاتلاش بىلەن چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەركەز مالىيىسىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات مەبلىغى ئۈنۈمنى باھالاش چارىسىغا ئاساسەن، ئوبيېكتىپ قېلىپلاشتۇرۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش پرىنسىپى بويىچە،تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئاساسىي خىزمەتلەر ۋە ئۈنۈمنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۈچ تەرەپنى ئاساسىي باھالاش مەزمۇنى قىلىپ، ئالاقىدار ئۆلكە ،ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال باھالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە،2011-يىلىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيىسى سەككىز چارۋىچىلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. 2012-يىلى بۇ تولۇقلىما مۇكاپات مېخانىزمىنىڭ دائىرىسى چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە يېرىم چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە كېڭىيىپ،چارۋىچىلارنىڭ يايلاقتا چارۋا بېقىشىنى مەنئى قىلىش تولۇقلىما ياردىمى، يايلاق بىلەن چارۋىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش مۇكاپاتى، ئوت چۆپ سورتى تولۇقلىمىسى ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەت تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر