باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2014.11.06 23:49   مەنبە: خەلق تورى

چەرچەن ناھىيەسىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش  تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

  يېقىندا چەرچەن ناھىيەلىك ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئەترىتى چەرچەن چوڭ بازىرىنىڭ ئالدىدا يوشۇرۇن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش،ئائىلىلەردە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش پىدائىلىرىدىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەتتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى،ئائىلىلەردە ۋە قاتناش ۋاستىلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ تەپسىلىي تەشۋىق قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.

  سۈرەتتە: تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز