باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى

2014.11.08 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 4-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى پىلانى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش ۋە يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىشنى مۇھاكىمە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى تەشەببۇسى دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سىغدۇرۇشچان بولغان غايەت زور بىر تەرەققىيات سەھنىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ-چوڭقۇر تارىخىي مەنبە ۋە ئادىمىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىنى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدۇ. شۇڭا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، يېقىن، سەمىمىي، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئەتراپ دىپلوماتىيە قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، يېقىندىكىلەر بىلەن ياخشى قوشنا بولۇپ، يىراقتىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قوللىتىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بۇنى مۇزاكىرە قىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر