باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

26-نۆۋەتلىك APEC مىنىستىرلار يىغىنى ئېچىلدى

2014.11.08 11:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئاخىرقى بىر ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بولغان قوش مىنىستىرلار يىغىنى 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رەھبەرلەرنىڭ نەتىجە ھۆججىتى ھەققىدە ئاساسەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى، قوش مىنىستىرلار يىغىنىدا ھۆججەتتىكى ئىشلار ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

  شۇ كۈنكى قوش مىنىستىرلار يىغىنىغا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ بىرلىكتە رەئىس بولۇپ، بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىندا مۇنداق دېدى: بىز ئاخىرقى پەيتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئېدىتلاپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مىنىستىرلار يىغىنىدىكى بىرلەشمە بايانات ئارقىلىق، رەھبەرلەرگە نەتىجىنى دوكلات قىلىمىز، مۇشۇ ئاساستا، بىز رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ نەتىجە ھۆججىتىنى چىڭ تۇتۇپ كېڭىشىپ، بالدۇرراق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىمىز، ھازىر ھەر قايسى تەرەپ رەھبەرلىرى نەتىجە ھۆججىتى ئاساسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بىز يۈكسەك ئىرادىلىك سەۋىيەنى ساقلاپ، نەتىجىنى مۇقىملاشتۇردۇق، تېزدىن كېڭىشىپ، بېكىتىلمىگەن ئىشلار ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىمىز. ئارقىدىن سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى يەكۈنلىدى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى پىلانى ھەققىدە ئالىي ئەمەلدارلار يىغىنىدا دەسلەپكى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، ئېچىلىۋاتقان قوش مىنىستىرلار يىغىنىدا تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىد بار. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بورالدى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى تەسىس قىلىشنىڭ تۇنجى مۇھىم باسقۇچى بولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئورۇنلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر