باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بايلار ئۆچرەت تۇرۇپ زارلانغۇچىدىن ھال سورىدى (1)

2014.11.06 14:37   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بايلار ئۆچرەت تۇرۇپ زارلانغۇچىدىن ھال سورىدى (1)

  سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئەر Twitter دا ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ، لېكىن يېنىدا ھېچنىمىسىنىڭ يوقلۇقى ، يەنى يا پۇلىنىڭ يوقلۇقى ، يا باشقىلارنىڭ مېھىر–مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاغرىنىپ ئۇچۇر يوللىغان . نەتىجىدە بالنېتسىغا نۇرغۇنلىغان بايۋەچچە يىغىلىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىغان .

  سەئۇدى ئەرەبىستان نامراتلىق نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ئەرەب دۆلىتى

  سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نامراتلىق نىسبىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە نامراتلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت سۇدان بولۇپ، 36.5% كە يېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا يەمەننىڭ 45.2%، غەززە رايونىنىڭ 38%، لىۋاننىڭ 28%، ئىراقنىڭ 25% ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نامراتلىق نىسبىتى 12.7% بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە نامراتلىق نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ئىكەن، دوكلاتقا چېتىشلىق بولغان 144 دۆلەت ئىچىدە پەقەت 9 دۆلەتنىڭ نامراتلىق نىسبىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.

  2011 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى نامراتلىقنى پۈتۈنلەي تۈگەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي پىلان ۋەزىرى خالىد گۇسابى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نامراتلىقنى ئوڭۇشلۇق ھالدا پۈتۈنلەي تۈگەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

  گۇسابى مۇنداق بىلدۈرگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى نامراتلىق مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە يېمەكلىك تەمىنلەش قاتارلىق بىر قاتار تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى چۈشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، نامراتلىق ئەھۋالى تۈگىتىلدى.

  گۇسابى مۇنداق كۆرسەتتى، يېقىنقى 5 يىلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى چىقىمى نېفىت باھاسى ۋە كىرىمگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت يېنىك ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە، باسقۇچقا بۆلۈپ نامراتلىقنى تۈگىتىش تۈرلىرىنى ئىجرا قىلدى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز