باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي، جېجياڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى تەپسىلاتى چىقىرىلدى

2014.09.22 08:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي، جېجياڭ سىرتقا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئىككى جاي بۇ يىل كۈز پەسىلى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلش يېڭى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى باشلاشنى قارار قىلدى.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، 4-سىنتەبىر گوۋۇيۈەن« ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، شاڭخەي، جېجياڭنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللىغان ئىدى.

  ئىگەللىنىشىچە، شاڭخەينىڭ سىناق لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي نىشانى تۈرلەر بويىچە ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلش، تەرتىپى ئاشكارە بولۇشتىن ئببارەت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇللاش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئىكەن، 2017-يىلىدىن باشلاپ شاڭخەي شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پەنلىرىدىن ئەدەبىيەت، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى بىرلىككە كەلتۈرىلىدىكەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبئىي پەن دەپ ئايرىلمايدىكەن، چەتئەل تىلى ئىمتىھانى بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىنىدىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقەدەر ياخشى بىر قېتىملىق نەتىجىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزۈشكە تاللىسا بولىدىكەن.

  جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تەبئىي پەن ۋە ئىجتىماىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ، بىرلىككە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش لايىھەسى يولغا قويىلىدۇ، ئىمتىھان پەن تۈرلىرى چوقۇم بېرىشكە تېگىشلىك ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى دەپ ئايرىلىدۇ، چەتئەل تىلى ۋە تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان تۈرلەرگە ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر پەننى يىلىغا ئىككى قېتىم بەرسە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىملىق نەتىجىسىنى تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تۈركۈمگە ئايرىلمايدۇ، كەسپلەر بويىچە تەڭداش ئارخىپقا سېلىنىدۇ. بۇ لايىھە 2014-يىلى كۈز پەسلىدە ئوقۇشقا كىرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلىنىدۇ، يىلمۇ يىل يولغا قويىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر