- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ 58-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
2014.09.23 12:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گو ۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن ۋېينادا ئېچىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ 58-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرماقتا. بىز ئېنىرگىيە تىجەش، ئېنىرگىيە ئىستىمالىنىڭ ئومۇمىي مىقتارىنى كونترول قىلىش، ئېنىرگىيە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، پاكىز ئېنىرگىيەنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا يادرو ئېنىرگىيەسىنى يۇقۇرى ئۈنۈم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىمىز. جۇڭگو خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ھامكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىدىن تىنچ پايدىلىنىش ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر