باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەكەن ناھىيەسىدىكى ئون نەچچە باشلىققا زورۋانلىق، تېرورلۇق دېلوسى سەۋەبى بىلەن چارە كۆرۈلدى

ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلار يېڭى خىزمەت ئورنىغا قويۇلدى

2014.09.23 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەركەندە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېرورلۇق دېلوسى، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىدە جۈمە تايىر ئىمامنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جەھەتتە چارە كۆرۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، يەركەنت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلدى، مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆردى؛ يەركەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ يەركەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك پارتكوم ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆردى. يەركەن ناھىيەلىك پارتكوم ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك پارتكوم ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ يەركەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئېلىشقۇ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم ئەزاسى، بىرلىك سەپنىڭ باشلىقىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى كومىسسارى، شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، ئۆستەڭ بويى مەھەللە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، سىياسىي يېتەكچىسىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسىغا مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆردى. (مۇخبىر لى يانەن)

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە :خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر