خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
جۇڭگو كارخانىسى ئۈستىگە ئالغان ئەنقەرە-ئىستانبۇل 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا بۇيىل 25-ئىيۇل رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى ھەم جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئۈسكۈنە، تېخنىكا، لايىھە ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
ئەنقەرە-ئىستانبۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تۈركىيەنىڭ «شەرق-غەرب لېنىيە تۆمۈر يولى» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنقەرە-ئىستانبۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 533 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر، ھەممىسىگە ياۋروپا ئۆلچىمى قوللىنىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى قۇرۇشقا قاتناشقان 2-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 158 كىلومېتىر كېلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى