باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن قەشقەر باجدىن خالىي رايونىنى شىنجاڭدىكى 2- ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي رايون قىلىپ تەستىقلىدى

2014.09.23 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: يېقىندا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى شىنجاڭدىكى 2- ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قىلىپ تەستىقلىغان 2014- يىللىق 114- نومۇرلۇق ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 3.56 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئاساسلىقى باجدىن خالىي ئىسكىلات، باجدىن خالىي ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆرگەزمە قىلىش، چېگرا ئېغىزى مەشغۇلاتى، ئاۋىياتسىيە يۈك ترانسىپورتى ۋە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن ئىبارەت يەتتە چوڭ ئىقتىدار رايونى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، خەلقئارالىق يەتكۈزۈش، خەلقئارالىق مال سېتىۋىلىش، خەلقئارالىق چېگرا سودىسى ۋە ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان. دۆلەت ئىچى ماللىرى بۇ رايونغا كىرسە ئېكىسپورت قىلىندى دەپ قارىلىپ باج قايتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، چەتئەل ماللىرى بۇ رايونغا كىرسە باج ئېلىنمايدۇ؛ مال بۇ رايوندىن چىقىرىلىپ دۆلەت ئىچىگە سېتىلسا مال ئىمپورت قىلىشنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ ھەمدە مالنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باج ئېلىنىدۇ؛ رايون ئىچىدىكى كارخانىلار ئارىسىدىكى مال سودىسىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى ئېلىنمايدۇ، ئۇ ئېلىمىزدىكى ئېچىۋىتىش قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى، ئېتىبار سىياسىتى ئەڭ كۆپ، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق، رەسمىيەتلىرى ئەڭ قولاي رايون.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن يىراقنى كۆرۈپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، قەشقەرنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قىلىپ تەسسىس قىلدى، بۇنىڭ مەقسىتى قەشقەرنى «سىرتتىكىلەرنى جەلب قىلىپ، ئىچكى قىسىمدىكىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش، شەرق بىلەن ئالاقە باغلاپ، غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئېچىۋىتىش، ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «غەربتە ئېچىۋېتىش» بىلەن «دېڭىزدا ئېچىۋېتىش»كە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تەسسىس قىلىنىشى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ بارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپلا قالماي يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قەشقەر خەلقئارا ئايرودرومى بىلەن قوشنا. قەشقەر بىلەن «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇپ چىقىپ، ئايروپورت ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك باغلاپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكى، ئىقتىدار ئەۋزەللىكى بىلەن پورتنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرتىپكە سېلىپ، ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە «رايون پورتى بىرلەشمە ھەرىكىتى» نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى چېنخۇي مۇنداق دېدى: قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قەشقەر ئايروپورتىنىڭ شىمالىغا، چاقماق دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تاشيول، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە، دۆلەت يولى 314-، 315– لېنىيەسى، قەشقەر–ئەركەشتام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئاتۇش – قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، قەشقەر–خوتەن تۆمۈر يولى قاتارلىق يول لېنىيەلىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى ئوراپ تۇرىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋە پىلانلىنىۋاتقان جۇڭگۇ–قىرغىزىستان–ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ۋە جۇڭگو–پاكىستان تۆمۈر يولى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىلەن قوشنا. ئۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىغا خەلقئارا تۆمۈر يول يۈك ترانسپورت رايونى تەسىس قىلىنغان، نۆۋەتتە بۇ يۈك ترانسپورت رايونىنى ئىككى مەخسۇس لېنىيە ئارقىلىق قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىلەن تۇتاشتۇرۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر