10-نۆۋەتلىك پىيوڭياڭ كۈز پەسىللىك خەلقئارا تاۋارلار كۆرگەزمىسى 22-سېنتەبىر پىيوڭياڭنىڭ ئۈچ چوڭ ئىنقىلاب كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا چاۋشيەن ئىچكى كابېنتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى رو تۇچول ، تاشقى ئىقتىساد ۋەزىرى لى لوڭنەن ۋە جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ خۇڭسەي قاتارلىقلار قاتناشتى . پىيوڭياڭ خەلقئارا تاۋارلار كۆرگەزمىسى ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، بۇ نۆۋەتلىك كۈز پەسىللىك كۆرگەزمە 25-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن .