- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك زوراۋان تېررورچىلارغا قورشاپ زەربە بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
2014.09.22 12:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد مۇھەممەد خەۋىرى: ئاممىنىڭ زوراۋان- تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا بىڭتۇەن 3-دىۋىزىيەسىنىڭ 45-تۇەنى بىلەن مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى تەشكىللەپ، زوراۋان-تېررورچىلارغا قورشاپ زەربە بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
45- تۇەننىڭ ئۈچ ليەندۈيي ۋە مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىكى 14 كەنتنىڭ كادىرلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى، شۇنداقلا ساقچىخانىلاردىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىش مانېۋىرىغا قاتناشتى. مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنى «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالەتكە چۈشۈرۈش» بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىش، تەڭ ھەرىكەت قىلىش تەلىپى بويىچە، يېزا-كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تۇەن-مەيدان ئىشچى-خىزمەتچىلىرى زوراۋان-تېررورچىلارغا بىرلىكتە قورشاپ زەربە بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر