شۇ يەر ۋاقتى 2014–يىل 21–سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ كىراسنويارسكتا 25 قەۋەتلىك بىر ئولتۇراق بىناغا ئوت كەتكەن . خەۋەر قىلىنىشىچە ، بىناغا ئوت كەتكەندىن كېيىن ، 115 ئاھالە قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە تېزلىكتە بىنادىن ئايرىلغاچقا ، ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن . ئۇلار ۋاقتىنچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئورۇنلاشقان .