باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى كەسپى ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل

2014.09.22 13:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن گوڭ فۇگۇاڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى كەسپى ئۇنۋانى ئاسپىرانتلار مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتى ۋە جەمئىيەت خىزمىتى ئاسپىرانتلار مائارىپى مۇدىرلىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى كەسپى ئىختىساسلىقلىرى 400 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 0.29 پوئىنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپى ئىختىساسلىقلىرى مىڭدىن بىرنى ئىگىلەش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا پەرق بىرقەدەر چوڭ.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىقدار يېتەرلىك، قۇرۇلما مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولۇش جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. بىراق ئېلىمىزدە بۇ ئىختىساسلىقلار يېتەرلىك بولمايلا قالماستىن، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماي يۇقىرى قاتلامدىكى قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان كەسىپلەشكەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تېخى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر