خەلق سىياسىي مەسلىھەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىنىڭ تەرەققىياتىنى .ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەنلەر يىغىنغا قاتناشتى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 21-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى تەنتەنىلىك ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، جېڭ يۈشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى، خەلق سىياسىي كېڭىشى خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم شەكلى. خەلق سىياسىي كېڭىشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەلىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماسلىشىشى،، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىشى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشى، ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھ، ھەرقايسى تەشكىلات، ھەر مىللەت، ھەر قاتلام، ھەرقايسى ساھە زاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرىلىشىشىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، كەڭ دائىرىلىك، ئۈنۈملۈك خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى