باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى تەستىق» ئېلان قىلىندى

2014.09.22 08:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەتنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش پىلانى»نى رەسمىي تەستىقلاپ قوشۇلدى.

  پىلاندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كىلىمات ئۆزگىرىشكە پائال تاقابىل تۇرۇشنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغىچە، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يارىتىش جەريانىدا چىقىرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدىنى 2005-يىلىدىكىدىن %40 تىن %45 كىچە ئازايتىش، تاشقا ئايلانمىغان ئېنېرگىيەنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %15 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش، ئورمان كۆلىمىنى 2005-يىلىدىكىدىن 40 مىليون گېكتار، زاپاس مىقدارىنى بىر مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. گوۋۇيۈەن تەستىقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر