- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر دېھقان 6 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قاتارغا قوشتى، چوڭ قىزى ئەلىيۇلئەلا بولدى
2014.09.16 13:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى تۇزيانتاق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 66 ياشلىق ۋەلى ئەھەت 56 ياشلىق ئايالى مەنىساخان بىلەن بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ ناھىيە، يېزا تەقدىرلىگەن «ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن» ئائىلە بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇ بەش قىز ۋە بىر ئوغۇلنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان بولۇپ، بۇلاردىن بىرى دوكتۇر (ئوقۇۋاتىدۇ)، ئىككىسى ئاسپرانت (بىرى ئوقۇۋاتىدۇ)، ئۈچى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر