باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يۈنشەن: ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىي تونۇشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرايلى

2014.09.16 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى يىغىنى 15-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىي تونۇشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى خەلق ئۈچۈن پاك ۋە ئەمەلىي ئىشلەش باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئەينەككە قاراپ ئۈستىبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇپ، كېسەل داۋالاش» باش تەلىپىگە ئاساسەن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشلىرىغا قارىتا، قاتتىق تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، ئىستىلدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ھەرىكەتتىكى نۇقسانلارنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئەمەلىي نەتىجە، تۈزۈم نەتىجىسى، نەزەرىيە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى مەڭگۈ ئۆڭمەس ئىنقىلاب لىنىيەسى ۋە مەڭگۈلۈك بىباھا گۆھەر، ئۇنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ بارلىق ئەمەلىيىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز لازىم.

لى جاڭجۈن خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر