باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2014.09.16 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ھەققى، دەرسلىك ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ كونكىرېت مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، شىنجاڭ مالىيەسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىغا 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بىلەن تولۇقلىما بېرىپ، مەكتەپنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ جەنۇبىي شىجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، دەرسلىك ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش سېتىۋېلىنىپ تارقىتىپ بېرىلىدىكەن؛ ۋىلايەت-ئوبلاست، ناھىيە-شەھەر مالىيەسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش چىقىمىغا مەسئۇل بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر