باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مەمۇرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش باشلاندى

2014.09.16 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا مەمۇرلىق ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 20-ۋە 21-سېنتەبىر ئېلىنىدۇ. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار 15-سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېكىتى (www.xjrsks.com.cn) گە كىرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرسە بولىدۇ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى بېسىپ چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالغانلار ئەمدى بېسىپ چىقىرىۋالسىمۇ بولىدۇ.

  شىنجاڭ مەمۇرلىق ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانىدىكى كەسپىي پەنلەر ئىمتىھانى 20-سېنتەبىر ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي بىلىملىرى»، «قانۇن كەسپىي بىلىملىرى»، «خەنزۇ تىلىدىن ئاساسىي بىلىملەر» بولىدۇ. 21-سېنتەبىر ئاممىۋىي پەنلەر ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر «مەمۇرىي كەسپ ئىقتىدارى سىنىقى» ۋە «مۇھاكىمىلىق بايان» بولۇپ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان كونكېرت ۋاقتىنى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر