باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گېرمانىيە خەلقى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈردى(1)

2014.09.16 08:59   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

گېرمانىيە خەلقى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈردى(1)

  شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلېندا چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

  شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلېندا چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل يىغىلىشتا يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈرۈش نۇتۇقى سۆزلەپ ، گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى ساھەرلەرنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ ، يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىردى .

  شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەردە ، بېرلىن براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدا 6000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىلىپ ، يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى . گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ۋە زۇڭتۇڭ گائۇك بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا قاتناشتى . مېركېل يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن ، مەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدىن گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشنى ئەيىبلەيمەن . مەن يەھۇدىيلارنى يەكلەيدىغان بارلىق قىلمىشلار ۋە گەپ-سۆزلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىمەن . بىز يەھۇدىي قېرىنداشلار ، قوشنىلار ۋە ئىشداشلارغا شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى ، گېرمانىيە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ، گېرمانلار بۇ تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ھەمدە قانلىق قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغان قېرىنداشلاردىن ئاشكارا ئەپۇ سورىشى كېرەك . بىز ياشلار ۋە چوڭلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە ئىلھام بېرىمىز . بىز تېخىمۇ زور مەبلەغ سېلىپ مائارىپنى ياخشىلايمىز ھەمدە خاتىرە ئابىدىسى قۇرۇپ چىقىمىز . ئاشۇ قاباھەتلىك مەنزىرىنى ۋە ئەسلىمىنى گېرمانىيە تارىخىنىڭ بىر بۆلىكى دەپ بىلىپ ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جاۋابكار بولۇشىمىز كېرەك .

  ئىگىلىنىشىچە ، مەزكۇر يىغىلىشنى قوللىغان گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارتىيەسى ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ، گرىن پارتىيەسى ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ، سولچىل پارتىيە قاتارلىق سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلاردىن باشقا يەنە گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ، گېرمانىيە پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ، گېرمانىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت بىرلەشمە جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بار .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …