‹‹ ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 3-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى Kristi Ison
ئىسىملىك بىر ئانا ھيۇستوندا ‹‹ بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش ›› SPA سارىيى ئاچقان بولۇپ ، بۇ، ئامېرىكىدىكى تۇنجى بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش سارىيى ئىكەن .
Kristi Ison بوۋاقلارنى ئۇۋىلاش ئۇستىسى بولۇپ ، ئۇ ئىككى ھەپتىلىك بولغان بوۋاقلار سۇ ئۈزىدىغان بىر ساراي ئېچىشنى ئويلىغان. ‹‹ بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش ›› SPA سارىيىدىكى ئالاھىدە ياسالغان ۋاننىغا ساپلاشتۇرۇلغان سۇ قاچىلانغان بولۇپ، بوۋاقلارغا قولدا ئىشلەنگەن مىكروبقا قارشى لۆڭگە ئىشىلتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ جاي يەنە بوۋاقلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشىدىكى ياخشى جاي ئىكەن .