باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن كېيىن دۆلەت كارخانىسىدىكى 67 نەپەر ئالىي باشقۇرغۇچى موللاق ئاتتى، بۇنىڭ 38 نەپىرى كارخانىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى

2014.09.15 10:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى بولۇپ قالدى. مۇخبىرنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان دېلولارنى رەتلەش ئارقىلىق بايقىشىچە، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن موللاق ئاتقان 67 نەپەر دۆلەت كارخانىسى ئالىي باشقۇرغۇچىسى ئىچىدە، «بىرىنچى قول باشلىق»نىڭ سانى 38 گە يەتكەن، موللاق ئاتقان باشقۇرغۇچىلار نېفىت، ئېلېكتىر، ئالاقىلىشى قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىكەن، مالىيە خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش قاتارلىق چىرىكلىك كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھەلەر بولۇپ قاپتۇ.

  يېقىندا تاراتقۇلاردا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ بىر تەدبىرى بولغان «دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مائاشىغا قارىتا پەرقلىق مائاش تەڭشەش چارىسى قوللىنىلىدۇ، دۆلەت كارخانىسى ئالىي باشقۇرغۇچىنىڭ چىرىكلىشىشىدىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر