باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ مالى زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2014.09.12 10:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-سېنتەبىر تيەنجىندە يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن مالى زۇڭتۇڭى كېتا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو مالى بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مالىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-مالى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ئېچىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا-ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلار ۋە قوشنىلار. يېقىنقى مەزگىلدە غەربىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئېبولا يۇقۇمى پەيدا بولدى، جۇڭگو يۇقۇم رايونىدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىپ، ئالدى بىلەن جىددىي ياردەم بېرىپ، تېزدىن يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەم داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى يۇقۇم رايونىغا خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. بىز غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئېبولا يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  كېتا مۇنداق دېدى: مالى جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە مالى-جۇڭگو ۋە ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر