- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جاڭ گاۋلى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
2014.09.12 10:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 10-سېنتەبىر خەلق سارىيىدا ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى رىك پېررى بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلانماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم يولنى بويلاپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش-ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن تېكساس ئىشتاتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلىرى بولغان ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، داۋالاش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رىك پېررى مۇنداق دېدى: تېكساس ئىشتاتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر