باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېرىم ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2014.09.12 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا مىللىي رايونلارنىڭ شەھەر-بازارلىشىش جەريانىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىگە قارىتا تەكلىپ بېرىلدى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېرىم ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مىللىي رايونلارنىڭ شەھەر-بازارلىشىش جەريانىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشش مەسلىگە قارىتا پىكىر-تەكلىپ بېرىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنداق قارىدى: شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ـــ زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر يولى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان كۈچلۈك تىرەك. «دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى (2014-2020)» بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلىندى، بۇ مىللىي رايونلار ئۈچۈن ھەم پۇرسەت، ھەم خىرىس. مىللىي رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش تىل، ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئالىي مەكتەپلەردىكى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ياخشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللىي رايونلار سانائەتلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئوتتۇرا باسقۇچىغا تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ، شەھەر-بازارلىشىش سەۋىيەسى سانائەتلىشىش جەريانىنىڭ كەينىدە قالغاچقا، مىللىي رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى بىرقەدەر چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر