باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇدا «بىرگە قارىشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش» قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى كەنت-مەھەللىلەرگە كىردى

2014.09.12 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، ئامانگۇللەر خەۋىرى: 2-سېنتەبىر، ئونسۇ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى بىلەن ناھىيەلىك تۆمۈر چوققا ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىرلىكتە ئارال بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىگە بېرىپ «بىرگە قارىشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش» تېمىسىدا قانۇن تۈزۈم تەشۋىق قىلىش ئويۇنى قويدى.

  پائالىيەت ناخشائۇسسۇل، ئېتۇت، نەق مەيداندا سوئال سوراش-جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. قانۇن بىلىش، قانۇندىن خەۋەردار بولۇش، قانۇنغا رېئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت قانۇن-تۈزۈم بىلىملىرى خوشال-خۇرام كەيپىيات ئىچىدە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈلدى. پائالىيەت ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى توغرا پەرقلەندۈرۈش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارىشى تۇرۇش، مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولۇش ئاڭلىقلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئارال بازىرىدىكى دېھقان توقنىياز ئەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن كەنتىمىزدە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش،«بىرگە قارىشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش» قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بىز ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇق. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەر ۋە ئەزالىرىغا ياخشى تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئورتاق قارىشى تۇرۇپ، كەنتىمىزنىڭ تىنچ ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر