باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بىلەن كۆرۈشتى

2014.09.12 14:53   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر دۈشەنبىدىن بەرگەن خەۋىرى: 11-سېنتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا بىز شاڭخەي ۋە بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىدە ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىقلاردا ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەر قايسى رايونلار ھەمكارلىقنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، سىز جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى رۇسىيە بۆلىكىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىدىڭىز، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينىدىڭىز. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ھەمكارلىقى ھەققىدە ئاكتىپ مۇزاكىرىلىشىۋاتىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ھەمكارلىقى باشلاندى، يىراق مۇساپىلىق كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ئېغىر تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەمكارلىشىپ ياساش قاتارلىق چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقتا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. مەن سىز بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا قوللىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، سىرتقى خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …