باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باشقلارغا ياردەم قىلىپ خۇشاللىق ئىزدەش

2014.09.12 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئانارگۈل ھامۇت خەۋىرى:ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشقلارغا ياردەم قىلىپ خۇشاللىق ئىزدەيدىغان ئاددىي دېھقان. ساخاۋەتچى، ئاجىزلارنىڭ غەمگۈزارى تەرىپىدىكى بۇ كىشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزا مەھەللىئېرىق كەنت 8-مەھەللىدىن. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم كىچىكىدىن جاپاغا چىدام، ئاتلىق بولۇپ يېتىلگەن. ئاتا–ئانسى ئوغلىنىڭ كۈيۈمچان، ئىشچان مىجەزىدىن بەك سۆيۈنەتتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئوقۇشى ئالدىنقى قاتاردا ئىدى، بىراق ئائىلە قىيىنچىلىقى، ياشىنىپ قېلىۋاتقان ئاتا–ئانىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ جاپاسىنى يەڭگىللىتىپ، كېيىنكى ئۆمرىدە راھەت كۆرۈپ ياشىشىغا ئوغۇللۇق سۈپىتى بىلەن بەل باغلىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ زېممىسىگە چۈشكەن بېسىممۇ كۈندى-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ 2000-يىلىدىن باشلاپ گۈلئاۋات يېزا مەھەللىئېرىق كەنتىنىڭ ئايىغىدىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان قارا شورلۇق بىنەمنى ئېچىش قارارىغا كەلدى، ئۇ بۇ جەرياندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، ئەل-ئاغىينىلىرىدىن، بانكىدىن قەرز مەبلىغى ھەل قىلىش ئارقىلىق 300 مو يەر ئېچىپ، بەش يىل قاتتىق تىرشىش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ يەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بوستانلىققا ئايلاندۇردى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاچقان يەر كېۋەز تېرىشقا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، ئۇ تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە يەرلىرىنى تۈجۈپىلەپ تېرىغانلىتىن ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلەپ پاختا سېتىپ، مۇشۇ كەنتتىكىلا ئەمەس بەلكى يېزا بويىچە ئالدىن بېيىغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىگىلىك تىكلەپ تاپقان پۇللىرىنى قانداق جايغا سەرپ قىلىشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى توللۇق تونۇپ يەتتى، مانا شۇ تاپتا بۇ ئىشچان ئەركەك مەھەللىدىكى 30 ئوغۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، كىشلەر ئارسىدىكى ۋاپادارلىقى، تېجەشلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بايلاردىن بولۇپ قالدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئاتا–ئانىسىنىڭ ياخشى ئوغلى، نامرات، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ كىشلەرنىڭ غەمگۈزارى، ئۆي-ماكانى يوق كىشىلەرنىڭ باشپاناھى، بۇزۇلغان يول-كۆۋرۈكلەرنىڭ ياسغۇچىسى، پۇل تاپقاندا شەخسيەتسىز ھالدا كىشلەرگە خەير-ساخاۋەت قولىنى سۇنىدىغان ھايات لېي فېڭ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشنىى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.

  شەخسيەتسىز روھ، چەكسىز غەمخورلۇقگۈلئاۋات يېزىسىنىڭ مەھەللىئېرىق كەنتىدە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر ئارقا–ئارقىدىن سېلىنىپ، سوتسىيالىستىك يېڭىچە كەنت-مەھەللىلەر بارلىققا كەلدى، خەلق تۇرمۇشىمۇ يېڭچە بەخت خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئىدى، مەھەللىدە، چىرايلىق ئۆيلەرىنىڭ قىياپىتىگە ماس كەلمەي قالغان، توپا ۋە كاتاڭ يول بۆلىكى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇراتتى، بۇ يول بۆلىكىنى ھېسابتا «مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى» يولى دېيشكە بولاتتى، چۈنكى بۇ يول مەھەللىئېرىق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيە 6-تۈۋەننىڭ 8–لىيەنىدىكى خەنزۇ قېرىندىشلارنىڭ باردى-كەلدىسىنى قويۇقلاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم ئالاقە يولى بولۇپ، ئىككى ئورۇندىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ سودا-سېتىق، ئىجتمائىي ئالاقە، ئەمگەك ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن ھىسابلىناتتى، بۇ يول بۇزۇلۇپ ماڭغان كىشى توپا چاڭغا مىلىنىپ كەتكەندىن سىرت، كەچقۇرۇن موتوسىكىلىتلىق يۈرۈش خەتەرلىك بولۇپ قالغان، بۇ يۇرتتىكى كىشلەر ھۆكۈمەت چىرايلىق ئۆيلەرنى سېلىپ بەردى، مۇمكىن بولسا مۇشۇ يولنىمۇ ئاسفالتلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى، دەپ ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىشىپ يۈرەتتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم كۆڭلىدە ھەممىدە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى، پۇل تاپقاندا ئامما ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بەرمىسە، بۇ ھاياتلىقنىڭ ھېچقانداق مەنىسى بولمايدىغانلىقى تونۇپ يېتىپ، 2009–يىل 5–ئايدا گۈلئاۋات يېزا مەھەللىئېرىق كەنتنىڭ 5-مەھەللىسىدىن 1-دىۋىزىيە 6-تۈۋەن 8-لىيەندۈيگىچە بولغان ئۈچ كىلومېتردىن ئارتۇق يول بۆلىكىگە، ئۆز يېنىدىن 25 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ توپا تۆكۈپ كۆتۈرۈپ، ئارقىدىن شېغىل تۆكۈپ قاتتىقلاشتۇردى، يول بۆلەكلىرىدىكى بۇزۇلغان كۆۋرۈكلەرنى قايتىدىن ياساپ دېھقانلارنى بىخەتەر يول يۈرۈدىغان شارائىتقا ئىگە قىلدى، يولنىڭ بۇ خىل چىرايلىق ھالىتىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ، مەھەللىدىكىلەرمۇ چىن كۆڭلىدىن سۆيۈندى، 2010–يىل 10-ئايدا ئۇ يەنە مەھەللىئېرىق كەنتىنىڭ 5-مەھەللىدىن 6-تۈەننىڭ 8-لىيەندۈيىگىچە بولغان ئارىلقتىكى ئۈچ كىلومېتردىن ئارتۇق يول بۆلىكىگە شېغىل تۆكۈپ، بۇزۇلغان كۆۋرۇكلەرنى قايتا ياساپ بەردى، كىشلەر ئۇنىڭدىن «50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىپتۇ، دېيىشىدۇ، راسمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ پەقەت كۈلۈپلا قوياتتى، يەنە بەزىلەر«ياخشى ئەر بوپتۇ، ئاتا-ئانسىغا 50 يۈەن بەرمەيدىغانلارمۇ بارغۇ؟ نېمىدېگەن ياخىشى بالا بۇ ھە؟» دەپ ئۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىغان بولدى، مەھەللە دوقمۇشىدا دائىم غەيۋەت بىلەن باشلىنىدىغان سۆز تېمىلىرى بىردىنلا سۆيۈنۈش، ئىلھاملىنىش، ماختاش تېمىسىغا يۆتكىلەتتى، بۇ يول گەرچە ئاسفالىت يول بولمسىمۇ ئاقكۈڭۈللۈك ۋە مېھىر–مۇھەببەت سىڭگەن، مىللەتلەر ئارا ئىتتپاقلىق رىشتىنى تۇتاشتۇرغۇچى يول بولۇپ قالدى.

  غېرىبلارنىڭ باش پاناھى، ئىللىق ئائىلە ياراتقۇچىمەھەللېئىرىق كەنت 4-مەھەللىدە غېرىب، تەنھا 70 ياشقا كىرگەن مۇسا يۇنۇس ئىسملىك بىر بوۋاي بار ئىدى، 2012-يىلى ئەتىيازدا گۈلئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كەلگەن كادىرلا مۇسا يۇنۇس بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ «ئۆزلىرىنىڭ ئۆي سالىدىغانغا ئىقتسادىي شارائىتلىرى يار بەرمەيدىكەن، شۇڭا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئويلىشىپ سىلىگە تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆي سېلىپ بىرىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلىقىنى يەتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دەپ كەلگەندە، مۇسا يۇنۇس بوۋاي رەت قىلىپ«مەن ھۆكۈمەتكە تۆھپە قوشمىغان، يەنە ھۆكۈمەت ماڭا دائىم تۇرمۇش غېمىمىنى قىلىپ بېرىۋاتسا، بۇنداق ئەھۋالدا مەن يېڭى ئۆيدە ئولتۇرالمايمەن، گەرچە ئۆيۈم باشقلارنىڭ ئۆيىگە قارغاندا يېرىم ئەسىر ئارقىدا، جىن چىراق ئېسىپ، زامانىۋى ئەسلىھەمۇ يوق بولسىمۇ، مەن شۇنڭىغا كۆنۈك، مەجبۇرلىماڭلار» دەپ تۇرۇۋالدى، بۇ كىشىنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش قىينچىلىقىغا يېقىندىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان قوشنىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم «سىلىگە ئۆينى مەن سېلىپ بېرىمەن، سىلىمۇ يېڭى ئۆي، توك چىراق بار ئۆيدە ئىللىق تۇرمۇش ئۆتكۈزسىلە» دېگەندە، بۇنىمۇ رەت قىلىپ، «سىز ئۈچ بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، يېقىندا يېڭىدىن ئۆي سېلىپ ئەمدى ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۋاتسىز، مەن ھەر كۈنى مۇشۇ ئۆيدە بىكار ئاش يەپ، سىز ئېلىپ بەرگەن كىيىم–كېچەكنى كىيىپ، پۇلۇڭلارنى خەجلەپ ياشاپ كەلدىم، سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، يەنە ئۆي سېلىپ بىرىڭ دەمدىم، مەنمۇ ئادەم، خىجىل بولىمەن، ئۇنداق دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ، مېنى قەرزدار قىلىپ قويماڭ، خاتىرجەم ئۆلگىلى قويۇڭ» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ئۇنسۇ ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان ئانارگۈل ھامۇت مەھەللىگە كېلىپ، مۇسا يۇنۇس بوۋايغا نەسىھەت قىلىپ «يېڭى ئۆي، توك چىراق بار شارائىتتىن سىلىمۇ بەھرىمان بولسىلا، زامان تەرەققىياتىدىن ئۆز ئۆيلىرىدە بەھرىمان بولۇش تولىمۇ بەختلىك» دەپ نۇرغۇن مىساللار بىلەن قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەپ قايىل قىلىغىنىدا، مۇسا يۇنۇس بوۋاي ئۆزىگە يات، تۇغقاندارچىلىقى يوق، ئىقتىسادى ياخشى بىرەر كىشى ياردەم قىلسا، شۇنى خالايدىغانلىقىنى، بولمسا يېڭى ئۆي بولمسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى. مۇسا يۇنۇس بوۋاينىڭ ياشىنىپ قېلىشى، كېلۋاتقان زىمىستان سوغۇققا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغان ئانارگۈل ھامۇت بۇ كىشىگە توغقاندارچىلىقى يوق ساخاۋەتچى كىشىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى مەھەللىدىكى ئاجىزلارنىڭ باش پاناھى، مېيىپ، غېرىب كىشلەرنىڭ ئىللىق قۇياشى، مەھەللىدىكىلەرنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىنىڭ كاپالەتچىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېسىگە كەلدى-دە ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇردى، بۇ پەرىشتە سۈپەت كىشى شۇ ئانلا« ياخشى بوپتۇ، مەن ئەتىلا ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، كېلىۋاتقان قۇربان ھېيتقىچە يېپ-يېڭى بىر ئۆي سېىلىپ پۈتكۈزۈپ، مۇسا يۇنۇس بوۋايغا بەخىتيار زاماننىڭ ھۇزۇرىنى كۆرسىتەي، بۇ مەنمۇ ئويلاپ كىلۋاتقان ئىش ئىدى» دېدى. 2013-يىل 9-ئايىنىڭ 12-كۈنى مۇسا يۇنۇس بوۋايغا ئۆي سالغىلى كەلگەن ئۇستام ماشىنىدا خىش، تاش، سېمونت، پولات چىۋىقلارنى تام سالىدىغان ئورۇنغا چۈشۈرگەندە، ماتېرىياللار بۇ ھويلىنى بىر ئالدى، تەلىپى بويىچە ئاتسىدىن قالغان ئەسكى تامنى چاقماي، يېنىغىلا سالماقچى بولغان يېڭى تامنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى باشلاپ كەتتى، مۇسا يۇنۇس بوۋاي كۈلەتتى، ئەجەبلىنەتتى، ھەيران بولاتتى! «جاھان نېمىدېگەن ياخشى، بىر ئۆمۈر مېھنەتسىز يەپ–ئىچىپ ئۆتتۈم، كىشىدن ئالدىم، قايتۇرمىدىم، ھېچكىم قايتۇر دېمىدى، يەنە تېخى باشقلاردىن ئاغرىنىپلا ئۆتۈپتىمەن، بۇلارنى ئويلىسام ھازىر خىجىللىق ھېس قىلىمەن، مەن چېغىمدا قولۇمدىكى بىكارغا كەلگەن نەرسىنى بىراۋغا بەرگۈم كەلمەيدۇ، ئەمما، ماۋۇ كىشلەر مېنى ئاتىسىدەك كۆرۈپ ھەممىنى يالۋۇرۇپ قىلىپ بېرەيلى دەيدۇ، قارىغاندا مەكتەپتە ئوقۇسا، ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلىشىنى قوبۇل قىلىسا، جاھان كۆرسە بولامدۇ- نېمە ؟ قوشنا ئوغلىمىز توك تارتىپ بېرەي، پۇلىنى ئۆزەم تۆلەيمەن، تېلېۋىزور ئېلىپ بىرەي غېرىبسىنماي ئۆتىلا، قىش كۈنلىرىنى شۇ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپمۇ ئاغرىنغانلىقىنى، خۇددى توك تارتىپ بەرسە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك قىلىپ، ھە دېسە ئۇنىمىغان جاھىللىقىمغا، كونىلىقنى ياقلاپ بېكىنىۋالغىنىمغا ، دۆتلۈكىمىگە ئېسىت! تۆھپىسىز، قامغاقتەك ئۆتكەن بۇ ئۆمرۈمگە لەنەت! كىشىدىن خوۋلۇق كۆرۈپ، ئاغرىنغان ئەقلىمگە لەنەت!» ئۇ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان چەبدەس تامچى ئۇستاملارغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ توخىتماسىتىن پىچىرلايتتى«مانا قوشنامنىڭ ئۆيىدە ئۇستاملارغا تاماق ئېتىگلىك، توك، سۇ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلىتىپ تۇرۋاتىدۇ، مەن مۇشۇلاردىن تېخى ئاغرىنىپ ئۆتتۈم- ھە؟» دەپ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى. 15 كۈندە بۇ ھويلىدا چىرايلىق يېڭى ئۆي قەد كۆتۈردى، مۇنچا، كاڭ، مىھمانخانا ئۆي قىلىپ سېلندى، ئاددىي ھەم چىرايلىق قىلىپ بېزەلدى، قوشنىسى ھامۇت تايىپنىڭ ئۆيىدىن توك تارتىلىپ، كۈندە جىن چىراق يورۇتۇپ ئولتۇرۇشقا خاتىمە بېرىلدى، قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرگەن بۇ ئۆي مۇسا يۇنۇس بوۋايغا ئۇنتۇلغۇسىز قىممەتلىك ھېيت سوۋغىسى بولدى، چىرايىدا كۈلكە جىلۋە قىلاتتى،«ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئوغلۇم سىزگە رەھمەت، سىزگە بارلىق رەھمەتلەر، بەخىت–سائادەتلەر يار بولسۇن، سىزنى تۇغقان، تەربىيەلەپ چوڭ قىلغان ئاتا–ئانىڭىزغا، ھۆكۈمەتكە رەھمەت» دەپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.كىشلەر يېڭى سېلىنغان بۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىشىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەھەللىدىكى نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىنى رېمونت قىلىپ، كۆۋرۇك سالغانلىقى، ئۆستەڭگە زاكو قۇرغانلىقى، يەنە ئاجىز، مېيىپ، تۇل خوتۇن، يېتىم–ئوغۇل، كېسەل، نامرات كىشىلەرنى يوقلاپ قىينىچلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، قىش پەسلىدە ئوتۇن–كۆمۈر، مەش، ئاشلىق، ماي ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى، ھېيت–ئايەملىك پۇل بېرىپ، گۆش ئېلىپ بىرىدىغانلىقىنى، يەنە... نۇرغۇن ئىشلارنى تىلغا ماختاشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قاتار مىساللىرى تۈگىمەيتتى، مەھەللە دوقمۇشلىرى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ياخىشى ئىشلىرىنى سۆزلەيدىغان جايغا ئايلاندى، «ياخشىلققا ياخشىلق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى» دېگەن ماقالنى شىپى كەلتۈرۈپ ماختىشىدىغان بولدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر