ـــــ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان سۆزئۇستازلار، ساۋاقداشلار:
ئەتە دۆلىتىمىزنىڭ 30-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى بىرگە ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئالدى بىلەن مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە بولغۇسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن! مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! جاپا چەكتىڭلار، پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە داڭلىق مەكتەپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى زامانىۋى پىداگوگىكا تەربىيەسى جەھەتتىكى ئالىي بىلىم يۇرتى، مەكتەپ «ئىلىمدە ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇش» دېگەن مەكتەپ تەلىمىدە «پىداگوگىكا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەردى. 112 يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى. ئىلگىرى لى داجاۋ، لۇشۈن، لياڭ چىچاۋغا ئوخشاش بىر ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارمۇ بولغان. مانا بۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىپى ۋە ئىپتىخارى.
بايا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدىم، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسىگە قاتناشتىم، پىسخولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىسخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى ئوقۇتۇش نەق مەيدانىنى كۆرۈپ، پىشقەدەم پىروفېسسورلار بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش ھېسابلىنىدۇ.
سىلەرنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايتقاندەك بولدۇم. مېنى تەربىيەلىگەن ئۇستازلار تولىمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى ئېنىق ئېسىمدە، ئۇلار ماڭا بىلىم بەردى، ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى،بۇنىڭدىن چەكسىز ئۈنۈم ھاسىل قىلدىم. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتىدۇر، بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ جىسمى چوڭىيىدۇ، بىلىمى ئاشىدۇ، قابىلىيىتى يېتىلىدۇ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى بىلىمگە ئېرىشىدۇ، يېڭى ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. مەن بۇ يەردە ئولتۇرغان ساۋاقداشلارنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 260 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىنى قەدىرلەپ، كۆپ ئۆگىنىپ، كۆپ قائىدە ئىگىلەپ، كۆپ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى