خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 9-سېنتەبىر، لەنجۇ ھەربىي رايونى مەلۇم ئالاقە تۇەنىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى تۈزلەڭلىك ئادەمسىز ئايروپىلانى ئۇلانما سۇپىسىنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇردى. شۇ كۈنى، بۇ ئالاقە تۇەنى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ناتونۇش تۈزلەڭلىكتە ئادەمسىز ئايروپىلاننى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇپ مۇۋاپپەقىيەت قازاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سىناقتىن كېيىن، بۇ قىسىم زاۋۇت بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر ئادەمسىز ئايروپىلاننى تەڭشەش ئارقىلىق، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىز ئېگىزلىكتە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرىدىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى