باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا 33 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا چىقىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى، ۋاقىتلىق ئىشچىلارمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2014.09.10 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   يېقىندا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ھوقۇققا چېقىلىش جىنايىتى تەپتىش نازارىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ھوقۇققا چېقىلىش جىنايىتى دېلوسىغا چېتىشلىق 33 نەپەر ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 3 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ھوقۇققا چېقىلىش جىنايىتى تەپتىش نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2008-يىلىدىن 2014-يىلى 6-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ھوقۇققا چېقىلىش جىنايىتى دېلوسىدىن 52مىڭ 81 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، 72مىڭ 101 ئادەمگە چېتىلىدىكەن، بولۇپمۇ 2010-يىلدىن بۇيان ، ھەر يىلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلوغا چېتىشلىق ئادەم سانى ئون مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يىلمۇ-يىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋىتىپتۇ.

  بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مەلىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ھوقۇققا چېقىلىش دېلوسىدىن 5794 نى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان بولۇپ، 8232 ئادەمگە چېتىلىدۇ، دېلو سانى ۋە ئادەم سانى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %1.5 ۋە %2.3 ئاشقان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر