خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا بىر توپ ساقچى ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئەتراپىغا يىغىلدى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبۇلدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا 6-سېنتەبىر كەچ لېفىت چۈشۈپ كېتىپ 10 ئىشچى قازا قىلغان. تۈركىيە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، ھادىسە ئىستانبۇلنىڭ شىشلى رايونىدىكى بىر قۇرلۇش ئورنىدا يۈزبەرگەن، لېفىت 32 قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن، ئىگىلىنىشىچە ، يېرىم ئاي بۇرۇن بۇ لېفىتتا كاشىلا كۆرۈلگەن، ھادىسە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن رېمونت قىلىنماقچى ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى