باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز

2014.09.02 11:21         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق بولۇپ چىقىشىنى، ئۆزىمىزدىنمۇ ياخشىراق كۈنگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىپ، يېمەي يېگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ، ئەتىۋارلاپ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بالا ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۈمىد چىرىغى، ئىزباسارى. بالا پەزىلەتلىك ئانىنىڭ خاراكتېرى، مەسئۇلىيەتچان دادىنىڭ تەسىرىدە يېتىلسە ئەدەپ – ئەخلاقلىق چوڭ بولىدۇ.

  ھازىر، نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئائىلە تاپشۇرۇقى ناھايىتى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى مەكتەپتە بوش ۋاقىتلاردا ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىسە، يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئائىلىدە ئىشلەيدۇ. بەزى بالىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلىسە، يەنە بەزى بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ زورى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، بالا تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تىنچ موھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە دەۋەت قىلىپ قويۇپ، ئۆزى تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ ياكى بالىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇپ قويۇپ، كومپيۇتېر ئالدىغا بېرىپ، تورغا چىقىپ ياكى يان تېلېفون ئويناپ بالىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ.

  مەسئۇلىيەتچان ئاتا – ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلىگەن ياكى دەرس تەكرارلىغاندا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئەقىل كۆرسىتىپ مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشى، ھەرگىز بالىنىڭ يېنىدا ئويۇنغا بېرىلمەسلىكى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر